ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشى ۋە ھاقارەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە كەلىمە تەۋھىدكە قىلغان ھاقارىتىگە قارشى، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىڭغا يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئەلجەزىرە قانىلى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. قوللىرىدا خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، جۈملىدىن دىنىي باستۇرۇشلىرىغا قارشى شوئار توۋلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، كوممۇنىزمغا ماسلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ۋە كەلىمە تەۋھىد، قۇرئان ئايەتلىرىگە ھاقارەت قىلىش قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

بايانات تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ئۈچ تىلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۈركچە باياناتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، ئەرەبچە باياناتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، ئىنگلىزچە باياناتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇرېشىت ئەمىن ئوقۇپ ئۆتتى.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ش جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن باشلاپ، ئاتالمىش «ئىسلام دىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئون مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چاققانلىقى، قۇرئانلارنى كۆيدۈرگەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە ئەسىردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى، بۇ رەزىل پىلاننىڭ خىتاينىڭ خام خىيالى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرىگە قارشى ئىسلام ئەللىرىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن خىتاينىڭ تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، ئىسلام دىنىغا، مۇسۇلمانلارغا، ئىسلامنىڭ ئاساسى بولغان كەلىمە تەۋھىدكە ھاقارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقى، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى مەيدانىنى ئاشكارىلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆلىمالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق ئىسلام ئەللىرى، تۈرك دۇنياسى ھەمدە بارلىق ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.

بايانات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە ئەلى ئەكبەر داموللام سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزىز بولۇشى ھەققىدىكى دۇئالىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2007 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2021 20:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق