ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا چېتىشلىق بىر نەچچە خىتاي شىركىتى ۋە ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈلدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتناشقان خىتاينىڭ 25 ئورگىنىنى ھەربىي ئىشلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەب، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى داجاڭ تېخنولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تېخنىكا شىركىتىنى خىتاي ھەربىي سانائىتىنىڭ بىر قىسمى بېكىتكەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ سەككىز ئورگىنىنى بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاكتىپ قوللىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 16-دېكابىر ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇنلارنىڭ تىزىملىكىگە 37 چەت ئەل ئورگىنىنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا تەۋە 25 ئورگان بار ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئورگانلارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي بىيوتېخنىكا ۋە باشقا تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

يېڭىدىن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورگانلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ھەربىي داۋالاش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق 11 تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى بولمىغان تەقدىردە، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ ئورگانلارغا ھېچقانداق ئامېرىكا تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىنمايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي سانائەت ئورگانلىرى دەپ بېكىتكەن سەككىز خىتاي شىركىتى: يۈنسۇڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شۇگۇاڭ ئۇچۇر سانائىتى چەكلىك شىركىتى، لىئاڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، كۇاڭشى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، دۇڭفاڭ تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شېنجېن داجياڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شيامېن مېيا پىكو ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى ۋە يىتۇ چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى بىراين نېلسوننىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قارار خىتاينىڭ مۇداپىئە ۋە كۆزىتىش تېخنىكا ساھەسىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا مىللەت ۋە دىندارلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا ئاكتىپ ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، 2016-يىلدىن باشلاپ خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىگە قارىتىلغان بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا مىڭلىغان بىخەتەرلىك كامېراسى، ساقچى پونكىتى تەسىس قىلىنغان. بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر يانفون، ئىنتېرنېت ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلق ئىچىدىن كەم دېگەندە بىر مىليوندىن بىر مىليون 800 مىڭغىچە كىشىنى خالىغانچە تۇتۇپ، لاگېرغا سولىغان. باياناتتا يەنە: «خىتاينىڭ باشقا مىللەت ۋە دىنىي توپنى نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قىلمىشلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىگە ئاساسەن، ھېچقانداق ئامېرىكىلىقنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىگە مال سېتىشىغا، بازارغا سېلىنغان پايچىكىنى سېتىشىغا ياكى سېتىۋېلىشىغا بولمايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1257 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2021 20:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق