ئەنگلىيە تور مۇداپىئە قىسىمى قۇرۇپ خىتاي خاككېرلىرىغا زەربە بەرمەكچى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي خاككېرلىرىغا زەربە بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ھالدا، يېڭى ئىنتېرنېت ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان دۆلەتلىك تور ئىستراتېگىيەسىدە ئەنگلىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئاساس قىلغان تورنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن تور دۇنياسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش رىقابىتىگە چۈشۈشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

يېڭى ئىستراتېگىيەدە يەنە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىشكە ئىزچىل قىزىقىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلان ئارقىلىق ئەنگلىيە تور تەھدىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرالايدىكەن. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخنىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان خىتاي خاككېرلىق ئەسلىھەلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەت 15-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھۆججەتتە كەلگۈسىدە تور دۇنياسىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق رىقابەت مەيدانىغا ئايلىنىدىغانلىقى، بۇ پىلان ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەرنى قوغداشنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېڭى ئىستراتېگىيەلىك دوكلات 130 بەت بولۇپ، 2011-يىلى ۋە 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان ئوخشاش ھۆججەتلەردىن ئۇزۇن ئىكەن. ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئىككى ھۆججەتتە تور بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئاساس قىلىنغان، ئەمما يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتتە پەقەت «تور ئىستراتېگىيەسى» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. بۇ قېتىمقى ھۆججەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى تور بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورى مەشغۇلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش قاتلىمىغا مەركەزلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەدىكى كۆپلىگەن ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تاللانغان خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان. ئەنگلىيە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئىككى مىليارد 600 مىليون فوندستېرلىڭ چىقىم قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1199 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2021 21:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق