ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە يەنە بىر قەدەم بېسىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، بۇ ھەقتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇزاكىرىلەرنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» 16-دېكابىر كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيەگە تەۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن. مەزكۇر نۇسخىدىكى قانۇن لايىھەسى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچتا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزاسى ئۈچۈن ئاقسارايغا يوللىنىدىكەن.

قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىرىدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى، دەپ قارىلىدىكەن ۋە ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى مۇنازىرە ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز نۇسخىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. ئەمما ئىككى نۇسخىدا پەرق بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن نۇسخىسىنى تەييارلاش ۋە ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللاش كېرەك بولغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىمۇ ئىككى كۈندىن كېيىنلا تېز سۈرئەت بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەندىن سىرت، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش جىنايىتىگە ياردەملەشكەن خىتاي ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ئاقسارايمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئورتاق پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق