ئامازون شىركىتى خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان

رويتېرس ئاگېنتلىقى 17-دېكابىر ئالاھىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامازون شىركىتىنىڭ خىتاينى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر خەۋەر شىركەتنىڭ بىر ئىچكى ھۆججىتى ھەمدە 20 دىن ئارتۇق خەۋەردار شەخسنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە،  ئىككى يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىۋېلىش شىركىتى ئامازوننىڭ خىتايچە تور بېكىتىدە شى جىنپىڭنىڭ ماقالىلەر توپلىمى سېتىلىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر كىتابقا ھېچقانداق كىشىنى ئىنكاس يازغۇزماسلىق ۋە نومۇر قويغۇزماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردار شەخسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى شى جىنپىڭنىڭ كىتابىغا سەلبىي ئىنكاس چۈشۈشىگە ۋە بەش يۇلتۇزدىن تۆۋەن باھا بېرىلىشىگە چىدىمايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئامازون شىركىتىدىن ئىنكاس يېزىش ۋە باھالاشنى چەكلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە ئامازون شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ، بۇ ئىقتىدارلارنى چەكلىۋەتكەن، ئىنكاس رايونىنىمۇ تاقىۋەتكەن.

خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان كونترول سىياسىتى خەلقئارالىق شىركەتلەرگە باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقى بارغانسېرى قىيىنغا توختىغان. ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ياخۇ شىركىتى خىتايدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سودا ۋە قانۇن مۇھىتى سەۋەبلىك، خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مىكروسوفت شىركىتى خىتايدىكى LinkedIn مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە مۇلازىمەتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تور سۇپىسىغا قاراتقان كونترول تەلىپىگە بويسۇنۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1193 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2021 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق