ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ئورتاق سادالار كۈچەيمەكتە

ماراكەش دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدە سوت ھۆكۈمى چىقارغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، شەخسلەر، جۈملىدىن بىر قىسىم ئىسلام ئۆلىمالىرى ماراكەش دائىرىلىرىنى بۇ قارارىدىن يېنىشقا چاقىردى.

ئىدرىس ھەسەن بۇ يىل 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، ئالاقىدار سوتى كۆپ قېتىملىق كېچىكتۈرۈلۈپ، ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. گەرچە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) 8-ئايدا ئىدرىس ھەسەنگە قارىتىلغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ماراكەش دائىرىلىرى يەنىلا ئىدرىس ھەسەننى قويۇۋەتمىگەن. ماراكەش دائىرىلىرى 15-دېكابىر سوتنىڭ ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ماراكەشنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىدرىس ھەسەننى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسى ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئەرەبچە «ئىدرىس ھەسەن قايتۇرۇلمىسۇن» دېگەن ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاندى. ب ب س ئەرەبچە، ئەلجەزىرە، گېرمانىيە ئاۋازى ئەرەبچە قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە يازما ۋە تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلىدى. ئەرەب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەر، ئۆلىمالار ئۆز سەھىپىلىرىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ماراكەش دائىرىلىرىگە چاقىرىق قىلدى.

ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ بىرى شەيخ مۇھەممەد ھەسەن دەدۇۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە رەسمىي پەتىۋا ئېلان قىلدى. پەتىۋادا: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھارامدۇر. خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان شەخس، ئورگان ياكى دۆلەتتىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىش ۋاجىپ، ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھارامدۇر. ئۇلار ئىسلام دۇنياسىغا ئامانەت. ئۇلارغا خىيانەت قىلىش، ئۇلارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىمۇ مەزكۇر پەتىۋانى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھرىلىدى.

ئالدىنقى ئايدا ئىسلام دۇنياسىنى، جۈملىدىن مەغرىب ئەللىرىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە خىتاي تەرەپتە تۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىپ، بايانات ئېلان قىلغان مەغرىب ئەللىرى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى كەتتانىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىدا ئىدرىس ھەسەنگە ئالاقىدار كۆپلىگەن خەۋەر ۋە باياناتلارنى ھەمبەھرىلەپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى مەزكۇر قارارىدىن يېنىشقا چاقىردى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئالدىنقى ھەپتە ماراكەش دائىرىلىرىگە ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەكلىكى، ئەگەر قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلغانىدى.

قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى بۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدا يېڭى ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا ۋاقىتلىق تەدبىر ئېلان قىلغانلىقىنى، ماراكەشتىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، ماراكەش مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك چاقىرىقلار كۈچلۈك تەرىقىدە داۋاملاشماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2021 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق