خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا

خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قارشى نۇرغۇن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى يېقىندا تىبەتتە يادرو ۋە خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىي مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى مانېۋىرنى تىبەت ھەربىي رايونى غەربىي رايون قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى، مانېۋىرغا قاتناشقان ئەسكەرلەر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە بىرىگادىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي قىسىم جەڭ رايونى خىتاينىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. بولۇپمۇ تىبەت، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 3440 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرا رايونى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، دائىم تالاش-تارتىش ھەمدە توقۇنۇش بولۇپ تۇرىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ بىرلەشمە بىرىگادىسى بۇ قېتىملىق مانېۋىر جەريانىدا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تارماق ئەترىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن بولۇپ، بىرونېۋىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە يادرو ۋە خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئە قىسىملىرىنى مەشىقلەندۈرگەن. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ مانېۋىر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئالدى بىلەن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىغان. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەۋەر قىلغانغا قەدەر، خىتاينىڭ تاراتقۇلىرى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلغان.

خىتاي ئارمىيەسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى بىرلەشمە بىرىگادىسىنىڭ ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى دۈشمەننىڭ ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مانېۋىر كېچە-كۈندۈز داۋاملاشقان بولۇپ، كۆپ خىل ئارمىيەنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئاساس قىلغان. بولۇپمۇ مۇرەككەپ مۇھىتتا ھاياتى كۈچنى ساقلاپ زەربە بېرىش ئىقتىدارى مەشىق قىلغان. مانېۋىردا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى تىبەتنىڭ قار بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما مانېۋىرنىڭ كونكرېت ئورنى ئاشكارىلانمىغان.

مانېۋىر جەريانىدا يەنە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە بىرىگادىسى ئون نەچچە راكېتا بومبىنى نىشانغا قويۇپ بېرىپ، ئەتراپتا ئىس-تۈتەك تارقىلىشنىڭ ئالدىدا بىرونېۋىك ئەترىتى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم باشلاش، زەربە بېرىش ئەترىتى توسۇققا پارتلاتقۇچ دورا باغلاپ پارتلىتىش قاتارلىق مەشىقلەرنى قىلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مانېۋىر ئەترىتى تۇيۇقسىز يادرو، بىيولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بويىچە مەشىق قىلىنغان بولۇپ، مانېۋىردا ئەسكەرلەر زەھەرلىك گاز ماسكىسى تاقاشقا بۇيرۇلغان ۋە ھەمدە بۇلغانغان رايوندىن تېزلا ئۆتۈپ كەتكەن. ئەھۋال قوماندانلىق ئورنىغا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، يادرو مۇداپىئە ئەترىتى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇلغانغان مۇھىتنى تازىلىغان. ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى خىتاينى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىمىيەلىك ۋە بىيو-خىمىيەلىك تېخنىكىلارنى مەخپىي سىناق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، خىتاي بىيولوگىيەلىك تېخنىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوش ئىقتىدارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا خىتاينىڭ بىيولوگىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسى ۋە خىمىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسىغا ئەمەل قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا زىددىيىتى ئىزچىل يامانلاشقان بولۇپ، 15-ئىيۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى چېگرا رايونىدا توقۇنۇشۇپ، ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىككى تەرەپ ئۆز كونتروللۇقىدىكى چېگرا رايوندىكى ئەسكەرلىرىنى دەرھال كۆپەيتىپ، قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن. خىتاي بىلەن ھىندىستان بىر نەچچە قېتىم ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما جىددىيلىك يەنىلا پەسەيمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2021 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق