چەت ئەلدىكى خىتايلار شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتقا ئاۋاز قوشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يېقىندىن بېرى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتە.

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋە بەش قىتئەگە جايلاشقان 19 دۆلەتتىكى خىتاي كۆچمەنلەر ۋەكىللىرى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تەشكىللىگەن. 16-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا يۇتا ئىشتاتى ۋېبېر ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لې تاۋۋېن، مالايشىيا مالاككا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى يەن تيەنلۇ قاتارلىق خىتايلار قاتناشقان بولۇپ: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

گەرچە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلانغان، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ، ھەتتا دېموكراتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەرەپتە تۇرۇشى ئىزچىل دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ يىل 8-مارت گوللاندىيەدىكى 50 تىن ئارتۇق خىتاي تەشكىلاتى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغاندىن پەيدا قىلغان توقۇلمىلىرى» دەپ بىلجىرلىغانىدى. خىتايلارنىڭ داڭلىق دېموكراتچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋېي جىڭشېڭمۇ بۇ يىل 4-ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خىتايچە بېتىدە ئۇيغۇر تارىخىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ ماقالە ئېلان قىلغانىدى، شۇنداقلا تىۋىتتېر يازمىلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن، دەپ نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ساختىپەزلىك بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدە جار سېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ، زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە نۆۋەت بىلەن ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2021 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق