خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنى ھەققىدە يېڭى ئىسپاتلار ئاشكارىلاندى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 20-دېكابىر يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ياللانما تور قوشۇنى ھەققىدىكى يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «جامائەت پىكىرى تېخنىكىسى مۇلازىمىتى» نامىدا خۇسۇسىي شىركەتلەردىن خېرىدار چاقىرغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ياللانما تور قوشۇنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى پۇدۇڭ شۆبىسى بۇ يىل 21-ماي تورغا ئېلان چىقىرىپ، يەرلىك خۇسۇسىي شىركەتلەردىن «جامائەت پىكىرىنى باشقۇرۇش تۈرى»گە خېرىدار چاقىرغان. مەزكۇر ئېلاندا تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ھەرئايدا ھەر بىر سۇپا ئۈچۈن 300 گە يېقىن ھېساب تەمىنلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئېلاندا يەنە چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىنى تىزىملىتىش، يازما يوللاش، قىسقا ۋىدىيو ئىشلەش... قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك خىزمەتنىڭ باھا جەدۋىلىمۇ چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتنىڭ ئايلىق مائاشى تۆۋەن بولغاندا 5000 يۈەن، يۇقىرى بولغان 40 مىڭ يۈەن ئىكەن.

مەزكۇر ئېلاندا تىلغا ئېلىنغان يالغان ھېساب قۇرۇش، ئەگەشكۈچى يىغىش دېگەندەك خىزمەتلەردىن باشقا، يەنە چەت ئەلدىكى ھېسابلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئالاھىدە دىققەت تارتىدىكەن. مەزكۇر خىزمەتتە مەسئۇل شىركەتنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن، چەت ئەلدىكى خىتايغا قارشى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ھېسابلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ۋە خىتايدىكى بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان. يەنە كېلىپ بۇ خىزمەت تۈرىدە ئايلىق ئەمەس، قېتىم سانى بويىچە ھەق بېرىش بەلگىلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ئېلاننى تارقىتىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، «شاڭخەي يۈنلىن» ئىسىملىك بىر كىچىك شىركەت مەزكۇر تۈرگە ئېرىشكەن. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر ئېلان ئەسلى تور بەتتىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ياللانما تور قوشۇنى ئارقىلىق ساختا تەشۋىقاتىنى تارقىتىشى ۋە جامائەت پىكىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تىۋىتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق شىركەتلەر ئالاقىدار دوكلات ۋە تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن، بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ كۆپلىگەن ساختا ھېسابلىرىنى تاقىۋەتكەن.

«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتىمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئون نەچچىلىگەن چەت ئەللىك تور مەشھۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات تارقاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2021 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق