تۇران دۇنياسى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلەندى

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە «تۇران دۇنياسى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت فوندى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

18-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمى دۆلەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە تۇران دۇنياسى فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. مۇراسىمغا قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرىم تاتارلىرى ۋە باشقا ئېتنىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشى 5-نۆۋەتلىك ئەزاسى تۇرسۇنتاي سالىموف، قىرغىزىستاندىكى جامائەت ئەربابى ئۆمەرجان ھەمرايوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم «تۇران دۇنياسى: 10 يىل» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلانغان. مۇراسىمدا تۇران دۇنياسى فوندىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پائالىيەتتە مەشھۇر جامائەت ئەربابلىرى، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىكار شەخسلەر، «تۇران دۇنياسى فوندى»نىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى، بىرلىكىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «دوستلۇق مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلانغان.

مۇكاپاتلانغانلار ئىچىدە «تۇران دۇنياسى فوندى» جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئەزاسى تۇرسۇنتاي سالىموف ئەپەندى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ جامائەت ئەربابى ئۆمەرجان ھەمرايوف ئەپەندى دوستلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «تۇران دۇنياسى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت جەمئىيىتى فوندى» قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. فوندنىڭ خىزمەتلىرىگە قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2021 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق