خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەيۋەن ئارمىيەسىگە سىڭىپ كىرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەن ئارمىيەسىگە سىڭىپ كىرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 20-دېكابىر خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەيۋەندىكى ھەرىكىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تارماقلارغىچە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىن بېرى داۋاملاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاز دېگەندە 21 يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ساقچى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇندىن باشقا يەنە خىزمەتتىكى ياكى پېنسىيەگە چىققان توققۇز ھەربىي خادىم خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك سوتلانماقتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي جاسۇسى شيې شىجاڭ مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. شيې شىجاڭ 1997-يىلدىن باشلاپ خوڭكوڭلۇق سودىگەر سۈپىتىدە كۆپ قېتىم تەيۋەنگە بېرىپ، مەخپىي ھالدا خىتايغا خىزمەت قىلىدىغان جاسۇس قوبۇل قىلغان ۋە پۇل بېرىش، سوۋغات تەقدىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرگەن.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2019-يىلى 6-ئايدا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خادىملىرى شيې شىجاڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى باشلاپ تېخىمۇ كۆپ ئىسپات تاپقان. تەيۋەن شيې شىجاڭنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەيۋەندە ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. خىتاي جاسۇسى شيې شىجاڭ 2006-يىلى تەيۋەنگە بارغان بولۇپ، تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىمى جاڭ پېينىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ھۆججەتتە جاڭ پېينىڭنىڭ شيې شىجاڭنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ خىتاينىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوفىتسېرلار ئارىسىدا جاسۇسلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

شيې شىجاڭ تەيۋەن ھەربىي ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چەت ئەلگە ساياھەتكە بېرىش چىقىمىنىمۇ كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنى نەچچە مىڭ دوللار نەق پۇل بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە ھەربىي ئوفىتسېرلارنىڭ ئاياللىرىغا قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلغان.

پېنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلار، تەيۋەندىكى ئالاقىدار تەجرىبىسى بار ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ھازىرقى جاسۇسلۇققا قارشى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەيۋەننىڭ ھەربىي ۋە خەلق رەھبەرلىك قاتلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىرادىسىنى بوشىتىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئە پىلانىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى باشلىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ جاسۇسلىرى ھەتتا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ قوغدىغۇچى خادىملىرى ئىچىگىچە سىڭىپ كىرگەن. پىرېزىدېنتنىڭ پېنسىيەگە چىققان بىر قوغدىغۇچى خادىمى ۋە پىرېزىدېنتى قوغداش قىسمىغا مەسئۇل بىر ھەربىي ساقچى بۇ يىلنىڭ بېشىدا سەي يىڭۋېننىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە يەرلىك تاراتقۇلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان سوت ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى كىشى يەنە تەيبېي شەھەر مەركىزىدىكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ۋە سەي يىڭۋېننىڭ تۇرالغۇسىنى قوغدايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئىسمى ۋە خىزمەت نومۇرىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2021 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق