خىتاي نۇرى تۈركەل قاتارلىق تۆت ئامېرىكا ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازا قارارلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 21-دېكابىردىكى ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى جازا تەدبىرى سۈپىتىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نادىن مائىنزا، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، ھەيئەت ئەزاسى ئانۇرىما بارگاۋا ۋە جامېس كار قاتارلىق تۆت ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جازاغا ئاساسەن مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن، خىتايدىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ھەمدە خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن. خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ تونى پېركىنس قاتارلىق ئۈچ ھەيئەت ئەزاسىغىمۇ جازا يۈرگۈزگەنىدى.

جاۋ لىجيەن باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئوخشاش كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئاساسسىز جازا يۈرگۈزۈش قارارىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قاراردىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا خىتايدىن ھەرقايسى دىنلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پەقەت خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچى رېجىمغا قارشى بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قارارىنى ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ھېسابقا تارتىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە دۆلەتتىكى 15 شەخس ۋە 10 ئورۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر، 2008-يىلدىن باشلاپ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن، نۆۋەتتە مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ يىل 3-ئايدىمۇ ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا بىرلەشمە ئېمبارگو قارارى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاينىڭ جازا نىشانىغا ئايلانغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇستەقىل فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىدۇ ۋە مەمۇرىي ئورگانغا سىياسەت تەۋسىيە قىلىدۇ. مەزكۇر كومىتېت بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە، كېلەر يىلى 2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 698 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2021 11:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق