ئامېرىكا خىتايغا قارشى لىتۋانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

لىتۋانىيە باش مىنىستىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خىتاينىڭ لىتۋانىيەگە قارشى كۈچەيتىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە باش مىنىستىرى ئىنگرىدا سىمونىت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى لىتۋانىيەنى قوللاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

لىتۋانىيە باش مىنىستىرى سىمونىتنىڭ باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ لىتۋانىيەگە ياردەم قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە: «خەلقئارا قائىدىگە ئورتاق ھۆرمەت قىلىدىغان ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر چوقۇم ئىقتىسادىي بېسىم ئالدىدا ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئامېرىكا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئۇچۇردىن داۋاملىق ئورتاق ھەمبەھرىلىنىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

لىتۋانىيە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ لىتۋانىيەدە «تەيۋەن» نامى بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا يول قويغانلىقى سەۋەبلىك، ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئالدى بىلەن لىتۋانىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋاكالەتچىلىك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە لىتۋانىيە بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنى، بولمىسا ئۇلارنىڭ خىتاي بازىرىدىن چىقىرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ ماشىنا زاپچاس ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى «Continental»دىن لىتۋانىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 891 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2021 12:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق