خىتاي تاراتقۇسى CGTN ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ (CGTN) خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشتىكى مۇھىم رولىنى پاش قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 21-دېكابىر «CGTNنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تاراتقۇلاردا ئاقلاشتىكى رولى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، بۇرمىلاش، قانۇنلۇق كۆرسىتىش جەھەتلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى پاكىتلىق ھالدا پاش قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ چەت ئەلدىكى زۇۋانى بولغان خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، مەدەنىيىتىدىن ياتلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»، «ئىدىيەنى تۈزەش ھەرىكىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە 2020-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق تەشۋىقات ئورگانلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تارقاتقان پىروگرامما مەزمۇنلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئايرىم-ئايرىم باھالاپ چىققان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ساختا خەۋەر، سۈرەت، پىروگرامما تارقىتىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى، بۇ ھالەتتە تۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى، بولۇپمۇ يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 782 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق