چەت ئەلدە خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار نارازىلىق قوزغىماقتا

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلى شۆ جيەن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئوساكادىكى «مۇقام ئاشخانىسى»دا تاماق يېگەنلىكى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلانغانلىقى ھەققىدە بىر سىن ھەمبەھرىلىگەن ۋە خىتاي جار سېلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن شوئارىنى ئىلاۋە قىلغان. ئۇنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرى يەنە خىتاينىڭ ياللانما تور قوشۇنى ئارقىلىق كۆپلەپ تارقىتىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئاشخانا ئوساكادىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بولۇپ، تەخمىنەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئېچىلغانىكەن. ئەمما ئاشخانىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولماستىن، بەلكى خىتايلار ئىكەن. يەنە كېلىپ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىكەن. بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇقام ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا يەنە «شىنجاڭ تائاملىرى» دېگەن سۆزلەر قوشۇپ قويۇلغان.

مەزكۇر ئۇيغۇر ئاشخانىسى يەنە بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خىتايلارنىڭ چاغىنى ئۈچۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يەرلىك خەلققە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، تارىخىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

مەزكۇر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ قىلمىشلىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيە خەلقىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ بولسا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ياپونىيەدىكى يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ نومۇسسىزلىقنىڭ ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان خىيانەت بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيلىققىمۇ يات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە ئۆتكەن بولسىمۇ، چەت ئەلدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشتىنمۇ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى يانتاياقلىرىغا، تەشۋىقات قورالىغا ئايلانماقتا. بۇلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرى تەشكىللىگەن يىغىن ياكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھۋاللىرى كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا. خىتاي بولسا بۇلارنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خاتىرجەم، باي-باياشات ياشاۋاتقانلىقى، چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ نورمال ئالاقە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1482 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2021 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق