ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقى خاتىرىلەندى

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھىم يولباشچىلىرىدىن بىرى ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدا مەرھۇمنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان رايونىدىكى باھارىيە مەۋلەۋىيخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەبىبۇللاھ قارىم ۋە مەھمۇدجان داموللام قۇرئان تىلاۋىتى قىلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە يېتىشكەن بىر شەخس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ئۈچۈن زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى، دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ مەرھۇمنىڭ تۇتقان يولىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ھاجىم سۆز قىلىپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەخلاقى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۆلىمالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش روھىنى تەرىپلەپ چىقتى ۋە ئۇنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىشقا چاقىردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، كېرەم قارىم، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق دىنىي رەھبەرلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ تولدۇرغۇسىز ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش، ھەمكارلىق، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنى مەرھۇم بىلەن بىرگە قۇرغانلىقىنى، بۇ دەۋانىڭ ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنى كەلگۈسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇش كېيىنكى ئەۋلادلارغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ رەپىقىسى مەريەم تەكلىماكان خانىم سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ئائىلىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، دىيانىتى، سەۋرچانلىقى، ياردەمسۆيەرلىكى بىلەن ھەممىگە ئۈلگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ مەسئۇلىيەتچان، تەشكىللەش ئىقتىدارىنى، باشقىلارغا ئۈمىد بېغىشلاش روھىنى مىسال كەلتۈرگەندىن سىرت، ئۇنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەن بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كەم تېپىلىدىغان رەھبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، پىكىرلىرىدە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا، سۆز-ھەرىكەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى تەڭ نامايان قىلغان ئۈلگىلىك زات ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋاقىتلىرىدىلا، يەنى 1987-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىگە ئاتلانغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلارنى ئەلەم ۋە قەلەمدە تەشكىللىك تەربىيەلىگەنلىكىنى، ئائىلىدىمۇ ھەم مېھرىبان، ھەم مەسئۇلىيەتچان ئاتا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم ئېلىش ۋە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەزىيەتلەرنى تارتقانلىقىنى، ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغانلىقىنى ۋە ھازىرقى كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا خەلقنىڭ يول باشچىلىرىنى قەدىرلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ سىياسىي دەۋا سېپىدە ئالاھىدە بىر ئۈلگە تىكلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللاممۇ مەرھۇمنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئەخلاقىنى مىسال سۈپىتىدە سۆزلەپ، ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى. د ئۇ ق نىڭ مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قارىممۇ سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ سۈپەتلىرىنى سابىت داموللامغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلەپ چىقتى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇۋاھاپ قارىم مەرھۇمنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا قېرىنداشلىق رىشتىسى ئورنىتىشقا ماھىر بىر زات ئىكەنلىكىنى، ھاياتى ئۈلگىلىك بىر ھايات ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. مەرھۇمنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئاخىرىدا پېشقەدەم ئۆلىما نىياز داموللامنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2106 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق