خىتاي توردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يېڭى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىپ، توردىكى دىنىي مەزمۇنلارغا قارىتا قاتتىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش خىتاي ئورگىنى بىرلىكتە «ئىنتېرنېتتىكى دىنىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ناملىق يېڭى بەلگىلىمىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، كېلەر يىلى 1-مارتتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

يېڭى بەلگىلىمىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تورغا تەبلىغ يوللىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشى، ۋەز-نەسىھەت قىلىشى، دىنىي مەزمۇنلارنى، تور بەت ئۇلانمىلىرىنى ئېلان قىلىشى ياكى تارقىتىشى، توردا دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى، دىنىي مۇراسىملارنى تورغا چىقىرىشى ياكى نەق مەيدان تارقىتىشى، شۇنداقلا دىن نامىدا ئىئانە يىغىشى مەنئى قىلىنىدىكەن.

خىتاي مەزكۇر تەدبىرىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىنى «دىن ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزۇش ۋە ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇق ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى چەكلەش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن» دەپ پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.

ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «دىنىي جامائەتلەرنى، دىنىي زاتلارنى شەكلى ئۆزگەرگەن يوسۇندا باستۇرۇش» دەپ تەرىپلىگەن. يېقىندا شى جىنپىڭنىڭ دىننى سوتسىيالىزمغا ، خىتايغا ماسلاشتۇرۇش تېررور سىياسىتىنى قايتىدىن تەكىتلىشىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، يانفون ياكى كومپيۇتېرلىرىدىن ئازراقلا دىنىي پۇرىقى بولغان سۈرەتلەر چىقىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى، ئون مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چاققان ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىسى ئارقىلىق دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ كېڭەيتىپ ئىجرا قىلىش ۋە بۇنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەشنىڭ چوتىنى سوققانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2021 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق