ئىنتېل شىركىتى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي خىتايدىن كەچۈرۈم سورىدى

ئىنتېل شىركىتى يېقىندا ئۆز تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئەۋەتكەن خېتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سۆز قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، شىركەت بېسىم ئاستىدا تېزلىكتە خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئىنتېل 21-دېكابىر تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىكنى، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ئىنتېل شىركىتىنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى شىركەتنىڭ ۋېيبو ھېسابىغا كۆپلەپ ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئىنتېل ماركىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. ۋاڭ جۇنكەي ئىسىملىك خىتاي ناخشىچىمۇ ئىنتېل ماركىسى بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەنمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىنتېل شىركىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان.

خىتايلاردىن كەلگەن بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىنتېل شىركىتى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىبارىلەردىكى ئەسلى مۇددىئاسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈش ياكى باشقا مەقسەتتە ئېيتىلمىغانلىقىنى، خىتايدىكى خېرىدارلىرى، شېرىكلىرى ۋە خەلقتىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2015-يىلىدىن باشلاپ ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇلتۇر شىركەتنىڭ خىتايدىن كىرگەن كىرىمى 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %26 ىنى ئىگىلىگەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ خىتايلارنى ئاشقۇن مىللەتچىلىككە كۈشكۈرتۈش ۋە ئىقتىسادىي تەھدىت ئارقىلىق، خىتايغا قارشى سۆز قىلغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنى، داڭلىق شەخسلەرنى باش ئەگدۈرۈش قىلمىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئالدىنقى مەزگىللەردە  H&M قاتارلىق بىر تۈركۈم كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى يول تۇتقانلىقى ئۈچۈن، خىتايلاردا بۇ ماركىلارنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى. داڭلىق تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلگە ئوخشاش بىر قىسىم تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يازمىسى سەۋەبلىك، خىتايلارنىڭ بايقۇت قىلىشى ۋە ھاقارەتلىرىگە دۇچ كەلگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2021 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق