بايدېن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇننى رەسمىي ماقۇللىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 23-دېكابىر ئىككى پالاتانىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

6256-نومۇرلۇق مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. كىرگۈزمەكچى بولغان شىركەتلەر مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىشى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بايانات ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش، ئىمپورت-ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار دوكلات بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىدىن ئوخشاش ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى ئالتە ئايدىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن. مەزكۇر قانۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشقان ئورگان ۋە شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاقسارايغا يوللىنىشى ئۈچۈن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز نۇسخىسىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. ئەمما ئىككى نۇسخىدا پەرق بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن نۇسخىسىنى تەييارلاش ۋە ھەر ئىككى پالاتادا ماقۇللاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ماسلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئاۋام پالاتاسى 14-دېكابىر، كېڭەش پالاتاسى 16-دېكابىر بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزالىشى ئۈچۈن ئاقسارايغا يوللانغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 687 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2021 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق