ياپونىيە: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيمىز

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە ئىزچىل بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى باياناتىدا قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ھارىكازۇ ماتسۇنو بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقتىمۇ ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى يەنىلا ياپونىيەگە ۋاكالىتەن قىشلىق ئولىمپىكقا قاتنىشىدىكەن.

ھارىكازۇ ماتسۇنو ياپونىيەنىڭ بۇ قارارىنى دىپلوماتىك بايقۇت دەپ ئاتاشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قارارغا ئالاھىدە نام قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 16-دېكابىر ئۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت سېپىگە قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغانىدى. ئانالىزچىلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مەسىلىسىدە نىسبەتەن يۇمشاق يول تۇتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ قارارنىڭ يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ياپونىيەدىن باشقا، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە كوسوۋو قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى زېللاندىيە بىلەن ئاۋسترىيە بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەر بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 877 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2021 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق