«شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ تۈركچە تەرجىمىسى نەشر قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي، دىنىي رەھبەرلىرىدىن بىرى، تارىخچى، ئەدىب مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق يېتۈك ئەسىرى تۈركچە نەشر قىلىندى.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى باش كاتىپى، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقى بىلەن روياپقا چىققان بولۇپ، تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تۈركچە نەشردىن چىقتى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ بىباھا ئەسىرى مەرھۇمنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەسەرنىڭ بىر قىسمى تۇنجى قېتىم 1941-يىلى كەشمىردە «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. تولۇق بېسىلغان نۇسخىسى بولسا 1947-يىلى نەشردىن چىققان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا كۆپ قېتىم بېسىلغان.

مەرھۇم بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، پارسچە، ئوردۇچە كۆپلىگەن مەنبەلەردىن پايدىلانغان. ئەسەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىدىن تا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر، قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرى، خىتايلارنىڭ ئىستېلاسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1085 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2021 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق