شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 8-قېتىملىق شۇرا يىغىنى كونيادا ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 8-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 25-دېكابىر تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە باشلاندى.

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر شۇرا يىغىنىنىڭ بۇ نۆۋەتلىكى كونياغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا شۆبىسى يىغىننىڭ تەشكىللىنىشىگە كۈچ چىقىرىپ، ھەمدەمدە بولدى. يىغىن ئابدۇلھەمىد قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان، ھەرتەرەپتىن باستۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى، يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا، ھۆرلۈككە ئېرىشىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام ئىلىملىرى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور رامازان ئالتىنتاش سۆز قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ ئۈممەت ئىچىدىكى رولىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئۆز ئىلمىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، باشقىلارغا ئۆگىتىشى، ئىخلاس ۋە ئەمەلدە ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈرك-ئىسلام دۇنياسىغا چۈشكەن ۋەزىپىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دىنىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كونيا ۋىلايىتىنىڭ سابىق مۇپتىسى ئەھمەد پوچانئوغلى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركلەرنىڭمۇ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ بۇ يەردە جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن كونيادىكى  داڭلىق دەۋەتچى ھەسەن بەسرى بالجى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا زۇلۇم قىلماسلىقى، زۇلۇمدا قالغانلارنى تاشلاپ قويماسلىقى، بارلىق ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، خەلق ئىچىدە ئۆلىمالارنىڭ ھەرۋاقىت ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، باشقىلارنى يېتەكلەيدىغان شەخسلەر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر ئەھۋالغا قالغان بۈگۈنكىدەك كۈندە خەلقنىڭ ئۆلىمالاردىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆلىمالارنىڭ ئىسلامىي تەلىماتلارنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇلغاندىن بۇيان قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلدى.

دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ، بىرلىكنىڭ بۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە تۈرلۈك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئاساسىنى پۇختىلىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، كەمچىللىك، سەۋەنلىكلەرنى باھانە قىلىپ بۆلۈنۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم، مۇھەممەتئىمىن مەخسۇم، ئابدۇلئەزىز خەلپىتىم، ئابدۇلھەمىد قارىھاجىم، نىياز داموللام قاتارلىق بەش پېشقەدەم ئۆلىماغا تەقدىرلەش سۈپىتىدە تون كىيدۈردى. ئارقىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. بۇلاردىن سىرت ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پەتىۋا گۇرۇپپىسىغا، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىشخانا مەسئۇلى ئابدۇرازاق ھاجىمغىمۇ مۇكاپات بېرىلدى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ شۇ مىللەت ئىچىدىكى ئۆلىمالارغا، تەلىم-تەربىيەگە باغلىنىپ ماڭىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردەك بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۆلىمالارنىڭ يېتەكلەش، يول كۆرسىتىش رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللاھ ئەمەت سۆز قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنمۇ د ئۇ ق نىڭ ئۆلىمالار بىرلىكىنى يېتەكچى تەشكىلاتلاردىن بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىنلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئەلى ئۆلىمالارنىڭ خۇددى قاراڭغۇ كېچىدىكى چىراغقا ئوخشاش يول كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، خەلقنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان قارىممۇ سۆز قىلىپ، گوللاندىيەدە بەش مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈم ئۆلىمالارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنىغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن يۈزگە يېقىن بىرلىك ئەزاسى ۋە بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1711 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2021 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق