سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ياردىمىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا باشلىغان

ئامېرىكنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينىڭ ياردىمىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئالدىنقى ھەپتە CNN قانىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىيالمىغاچقا، خىتايدىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما  CNN نىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئېنىقلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئورۇندا مەزكۇر قورالنى ياساشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرى تاپشۇرۇۋالغان مەخپىي ئۇچۇرلاردا، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئالاقىدار سەزگۈر تېخنىكىلارنى زور كۆلەمدە تەمىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزئارا رەقىب ئىكەنلىكى، ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا باشلىغان بولسا، ئىراننىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە توغرىلاش زۆرۈر مەسىلىلەر» دېگەن. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 661 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2021 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق