كانادا باش مىنىستىرى: خىتاي ئارىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو ئالدىنقى شەنبىدىكى بىر زىيارىتىدە خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا بىرلىكسەپ ھاسل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جاستىن تىرۇدو 25-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىيارەتتە خىتاي ھەققىدە كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆزئارا زىددىيەتكە سېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ كانادا يەرشارى تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەزكۇر زىيارىتىدە: «بىز ئىزچىل ھالدا رىقابەتلىشىۋاتىمىز. خىتاي بولسا ئېچىۋېتىلگەن بازار، رىقابەت قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن دائىم ئارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

تىرۇدو يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا خىتاينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئارىنى بۆلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تىرۇدونىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى 2018-يىلى كانادا ھۆكۈمىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئىزچىل ناچارلىشىپ ماڭغان. بۇ ئاينىڭ بېشىدا كانادانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 658 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2021 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق