بايدېن زور سوممىلىق دۆلەت مۇداپىئە قانۇنىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ 2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئاجرىتىلغان خامچوتمۇ زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي 27-دېكابىر پىرېزىدېنت بايدېننىڭ 2022-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقىنى، بۇ قانۇننىڭ 770 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىگە ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئاينىڭ بېشىدا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانىدى.

بايدېن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا: «بۇ قانۇن لايىھەسى ھەربىي خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى مۇھىم تەمىنات بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەدلىيە پۇرسىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئەمىزگە ئالاقىدار مۇھىم ھوقۇقلارنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى ئامېرىكىدا 60 يىلدىن بېرى ھەر يىلى ماقۇللىنىپ كەلگەن بىر قانچە مۇھىم قانۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 2022-مالىيە يىلىدا تەستىقلانغان ھەربىي خىراجەت بۇلتۇرقىدىن تەخمىنەن %5 ئاشقان. بۇ ھەربىي قىسىمنىڭ مائاشىنى %2.7 ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلان ۋە ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتكە، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر قانۇندا خىتايغا قارىتىلغان «تىنچ ئوكيان تەھدىتى تەشەببۇسى» ئۈچۈن 7 مىليارد 100 مىليون دوللار ئاجرىتىش بېكىتىلگەن بولۇپ، تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى قوللايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2021 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق