ئامېرىكا خىتايغا قارشى دىپلوماتىك بايقۇت قارارىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بايدېن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك بايقۇت قارارىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلاردىكى 18 ئەمەلدارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ، دىپلوماتىك بايقۇت قارارىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان مەۋقەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، ھېچقانداق دىپلومات ياكى ھۆكۈمەت ۋەكىلىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق سۆزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دىپلوماتىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئەمما ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ ئولىمپىكقا دىپلومات ياكى ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئاقساراي 6-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. لىتۋانىيە ئامېرىكىدىن بۇرۇن بايقۇت قارارى ئېلان قىلغان بولۇپ، بايقۇت سېپىگە يەنە ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە ۋە كوسوۋومۇ قوشۇلغانىدى. يېڭى زېللاندىيە بىلەن ئاۋسترىيە بولسا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ياپونىيەمۇ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى دىپلوماتىك بايقۇت دەپ ئاتاشنى ئويلاشمىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت سېپىگە قوشۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەرنى ئولىمپىكقا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ھەققىدە ئىككىلەندۈرۈپ قويماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2021 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق