ۋولمارت شىركىتى خىتاي شوۋىنىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى

ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش ماگناتى ۋولمارت شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى يىغىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك، تور دۇنياسىدا خىتاي شوۋىنىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە بىر قىسىم خىتايلار ۋېيبو قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ۋولمارت شىركىتى ۋە شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى ئەزالىق مال سېتىش دۇكىنى سام كۇلۇبىنىڭ ئەپ دېتالىدا شەرقىي تۈركىستان مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە ئالاقىدار رەسىملەرنى تارقاتقان. مەلۇم بولۇشىچە، سام كۇلۇبىنىڭ ئەپ دېتالى ۋە باشقا سېتىش سۇپىلىرىدىكى دۇكانلىرىدىنلا ئەمەس، ئانا شىركىتى ۋولمارتنىڭ ماگىزىنلىرى ۋە تور دۇكانلىرىدىنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدىكى خىتاي شوۋىنىستلىرى بەس-بەستە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋولمارت شىركىتىنى بايقۇت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان. بىر قىسىم خىتايلار يەنە سام كۇلۇبىدىكى ئەزالىقىنى بىكار قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈشكەن.

شىركەتنىڭ بۇ ھەرىكىتى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى» رەسمىي ئىمزالىغان ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلگەن بولۇپ، خىتايدا 400 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان ماگىزىنى بولغان بۇ گىگانت شىركەت خىتايدا بايقۇت قىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

شىركەتنىڭ مۇلازىمەتچى خادىملىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، مال قالمىغانلىقى ياكى يۇقۇمنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تور دۇكانلىرىدا كۆرۈنمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما خىتايلار بۇنىڭ بىلەن يەنىلا بېسىقمىغان.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتتە بولماسلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىشى، بېسىم ئىشلىتىشى ۋە بۇنىڭغا خىتاي شوۋىنىستلىرىدىن كۆپلەپ پايدىلىنىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ئىنتېلمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئۆز تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئەۋەتكەن خېتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سۆز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ۋە بېسىم ئاستىدا تېزلىكتە خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 695 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق