خىتاي ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىمۇ ئۆكتەملىك قىلماقتا

خىتاي رېجىمى ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالەم پونكىتىغا يېقىنلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ب د ت غا ئەرز سۇندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ خەتەرلىك ھالدا خىتاي ئالەم پونكىتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 28-دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش كومىتېتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ئاينىڭ بېشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن. مەكتۇپتا ئامېرىكا ئالەم چارلاش تېخنىكا شىركىتى «SpaceX» قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ يىل ئىككى قېتىم خىتاي ئالەم پونكىتىغا يېقىنلاشقانلىقى، خىتاي ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەر خىتاي تاراتقۇلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، خىتايلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا SpaceX شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش لىدىرى ئېلون ماسكقا تۈرلۈك يوسۇندا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم خىتايلار ئېلون ماسكنىڭ يەنە بىر شىركىتى تېسلانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە جار سالغان.

SpaceX شىركىتى يۇلتۇز ھالقىسى تۈرىگە ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر 1900گە يېقىن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن بولۇپ، يەنە ئاز دېگەندە 30 مىڭنى قويۇپ بېرىشنى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى پىلانلىماقتىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 728 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2021 11:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق