گېرمانىيە ئاۋازى: شەرقىي تۈركىستان پاختىسى بۇ يىل ئەڭ دىققەت قوزغىغان خەۋەرنىڭ بىرى

گېرمانىيە ئاۋازى 2021-يىلى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان 12 چوڭ خەۋەر تېمىسىنى رەتلەپ چىققان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارمۇ بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خىتايچە بۆلۈمى 2021-يىلى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان 12 چوڭ خەۋەرنى رەتلەپ چىققان. خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى، تالىباننىڭ ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرۇشى، خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى... قاتارلىق 12 خەۋەر 2021-يىلى تور دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان.

خەۋەردە مەزكۇر خەۋەرلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ يىل مارت ئېيىدا داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان پاختىنى ئىشلەتمەسلىك قارارىنىڭ خىتاي ۋە خەلقئارادا قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغانلىقى، نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدا بايقۇت قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقى، خىتاي بازىرىدىكى سېتىلىش نىسبىتىنىڭمۇ تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش 2022-يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» كىيىم-كېچەك كەسپىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 23-دېكابىر ئىككى پالاتانىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، بۇنى رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلغانىدى. 6256-نومۇرلۇق مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى مەنئى قىلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2021 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق