20 نەچچە ئۆلىمالار تەشكىلاتى ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويدى

ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە چاقىرىقلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىكى 20 دىن ئارتۇق ئىسلام ئۆلىمالىرى تەشكىلاتى بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويدى.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالار، ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۆلىمالار ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ھەققىدە كەسكىن پەتىۋا بەرگەنىدى. ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور ئىكرەمە سەبرىيمۇ ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغانىدى.

ئالدىنقى شەنبە كۈنى تىۋىتتېردا بىر تۈركۈم ئەرەب ئۆلىمالار، تەتقىقاتچىلار ۋە ژۇرنالىستلار نەق مەيدان سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشتىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكلىرىنى، تەشكىلاتلىرىنى بۇ ھەقتە ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان.

بۇ چاقىرىققا ئاساسەن ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ئورتاق بايانات تەييارلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى، خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسى، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى... قاتارلىق 20 نەچچە ئىسلام ئۆلىمالىرى تەشكىلاتى ئاۋاز قوشقان.

ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئائىلىسى ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھەركۈنى ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا چىقىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسى كاتىبات ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، لىۋىيە پەتىۋا مەركىزى شەرئىي تەتقىقات ھەيئىتىنىڭ باش كاتىپى شەيخ سامى سائىدىي شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار بىلەن بىرلىكتە، ماراكەش كونسۇلخانىسى ئالدىغا چىقىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ھازىرغىچە ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويغان ئۆلىمالار تەشكىلاتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. الاتحاد العالمي لعلماء المسلمين

2. الهيئة العالمية لنصرة نبي الإسلام

3. رابطة علماء المغرب العربي

4. هيئة علماء فلسطين

5. رابطة علماء فلسطين

6. مجلس الدعاة - لبنان

7. مؤسسة المرتضى للدراسات والدعوة الإسلامية - إيران

8. رابطة علماء أهل السنة

9. جماعة عباد الرحمن في السنغال

10. هيئة علماء ليبيا

11. رابطة أئمة وخطباء ودعاة العراق

12. دار العلوم لتعليم القرآن والسنة - إيران/خراسان

13. اتحاد العلماء والمدارس الإسلامية، تركيا

14. ملتقى دعاة فلسطين

15. دار الإفتاء الليبية

16. مجمع الخلفاء الراشدين الدعوي

17. رابطة علماء إرتريا

18. منتدى العلماء

19. مجلس العلماء الإندونيسي

20. ملتقى علماء فلسطين

21. هيئة علماء المسلمين في لبنان

22. رابطة إرشاد المجتمع في الصومال

23. إتحاد علماء تركستان الشرقية

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
29/12/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق