ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيى خىتاينى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناۋمى كىكلېر خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قىرغىنچىلىق خاتىرە مۇزېيىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئالدىنقى ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ناۋمى كىكلېر خىتاينى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

ناۋمى كىكلېر چاقىرىقىدا يەنە خىتاينى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە، ئادىل سوت تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان، شۇنداقلا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1148 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2021 10:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق