خوڭكوڭ دائىرىلىرى يەنە بىر ئەركىن ئاخبارات ئورگىنىنى تاقىدى

خوڭكوڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى «قۇتراتقۇلۇق مەزمۇنىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن «مەيدان خەۋەرلىرى»نىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتتى ۋە بىر قىسىم خادىملىرىنى قولغا ئالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى چارشەنبە ئەتىگەن خوڭكوڭدىكى ئەركىن تور ئاخبارات ئورگىنى «مەيدان خەۋەرلىرى»نىڭ ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئورگاننىڭ ھازىرقى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە خادىمىنى «قۇترىتىش مەزمۇنىدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتتى» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالغان. ساقچىلار يەنە «مەيدان خەۋەرلىرى»نىڭ 61 مىليون خوڭكوڭ دوللىرى قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتقان. مەزكۇر ئورگان چۈشتىن كېيىن بارلىق خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ۋاقىتلىق باش مۇھەررىرى ئىستېپا بەرگەن، شۇنداقلا بارلىق خىزمەتچىلەر تارقىتىۋېتىلگەن.

خوڭكوڭنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇھەررىر ۋە سابىق مۇدىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئەر ۋە تۆت ئايالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، قېچىپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەرگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلار تۇتقۇن قىلىنغانلارنى: «2020-يىلى 7-ئايدا خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، ئالدىنقى ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن قۇتراتقۇلۇق مەزمۇنىغا ئىگە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، خوڭكوڭ ئاھالىلىرىدە نارازىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى» دەپ ئەيىبلىگەن.

خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدا ساقلىنىپ قالغان ساناقلىق ئەركىن ئاخبارات ئورگىنىدىن يەنە بىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى ئاخبارات ساھەسىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.

خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى لىنجېڭ يۆئې بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بەلكى نورمال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان.

بۇ قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا خوڭكوڭ ساقچىلىرى «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھەررىرىنى قولغا ئالغان ۋە مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئورگاننى تاقاشقا مەجبۇرلىغانىدى. 

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 763 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2021 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق