گېرمانىيەنىڭ ئىككى مىنىستىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل باياناتچىسى 29-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بېيربوك بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيسېرنىڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بېيربوك ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەنتەربىيە ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيسېرنىڭ ئولىمپىكقا قاتناشماسلىقى شەخسىي قارار بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى تېخىچە قارار قىلمىغان.

ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە، لىتۋانىيە ۋە كوسوۋو قاتارلىق دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى رەسمىي دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترىيە، ياپونىيە ۋە گېرمانىيە بولسا بارلىق ياكى قىسمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، «دىپلوماتىك بايقۇت» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتمىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 712 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2021 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق