خىتاي تەيۋەنگە يەنە تەھدىت سالدى

تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا، كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى چارشەنبە بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىشخانىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ كېلەر يىلى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولىدىغانلىقىنى، تەيۋەن دائىرىلىرى ئىچىدىكى مۇستەقىلچى تەرەپدارلار ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن بولغان تىركىشىشنىڭ تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ تەيۋەندىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بولسا تەيۋەن مەسىلىسىدە چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ما شياۋگۇاڭ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش قىزىل سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتسە، قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى سۆز-ھەرىكىتى تەيۋەن خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىرلىككە كېلىشنى قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تەيۋەننى قوللاشقا باشلىغان. بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي جەھەتتىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەيۋەن بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2021 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق