خىتاي ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىنى ماقۇللىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەن كېفېي تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قانۇنغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خىتاي تەھدىتىنى كۆپتۈرگەنلىكىنى، خىتايغا قارشى رىقابەتنى تەكىتلىگەنلىكىنى، خىتايغا بولغان دۈشمەنلىك سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرىنى قوللىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 27-دېكابىر 2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىنى ئىمزالىغان. ھوقۇق بېرىلگەن خامچوت پىلانى خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەھدىتىگە قارشى ئىشلىتىلىدىغان 7 مىليارد 100 مىليون دوللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى قوللايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 758 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2021 11:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق