جازالانغان خىتاي شىركىتىنىڭ پاي چېكى خوڭكوڭدا بازارغا سېلىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا يۈرگۈزۈشىگە قارىماي، خىتاينىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسى شىركىتى شاڭتاڭنىڭ پاي چېكى 30-دېكابىر خوڭكوڭدا رەسمىي بازارغا سېلىندى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى ئەسلىدە  17-دېكابىر خوڭكوڭدا بازارغا سېلىنماقچى بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ، ئاخىرى 30-دېكابىر ئەمەلگە ئاشقان. بازار ئېچىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ پاي چېكى باھاسىدا ئۆسۈش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 137 مىليارد 456 مىليون خوڭكوڭ دوللىرى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدىكى تۆت چوڭ شىركەتنىڭ بىرى دەپ قارالغان مەزكۇر شىركەت بۇ ئاينىڭ بېشىدا پېيىنى ئاشكارا سېتىشقا باشلىغان بولۇپ، بىر يېرىم مىليارد پاينى سېتىشنى پىلانلىغان. ئەمما ئاشكارا سېتىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 10-دېكابىر ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى شاڭتاڭ شىركىتىنى خىتاينىڭ ھەربىي ۋە سانائەت بىرلەشكەن ئورۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ شاڭتاڭغا ئېقىپ كىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى شاڭتاڭ شىركىتىنى «ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىشنى ئاساس قىلغان چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

شاڭتاڭ شىركىتى بولسا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ سۈنئىي ئىدراك يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىكەنلىكىنى، مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭتاڭ شىركىتى ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاشكارا تارقىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. 20-دېكابىر بۇ شىركەت پاي چېكىنى قايتا قوزغىتىپ، قوشۇمچە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى يېڭىلىغان، شۇنداقلا ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى سېتىش تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2021 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق