خىتاي ئامېرىكىنىڭ بەش ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزۈپ ئۆچ ئالدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بەش خوڭكوڭ ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئامېرىكا سابىق سودا مىنىستىرى روس قاتارلىق بەش ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ئاساسەن خوڭكوڭ ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ بەش مۇئاۋىن مۇدىرىغا قويغان جازاسىغا قارشى، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىنى ئالغان جازالاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى.

جاۋ لىجيەن باياناتىدا خىتاي ئالدىنقى مەزگىللەردە تۈزۈپ چىققان «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ سابىق سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس، ئامېرىكا پارلامېنتى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارولىن بارتولومېۋ، ئامېرىكا پارلامېنتى مەمۇرىي ئورگىنى خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جوناتان ستىۋېرس، ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى دويۇن كىم، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ۋەكىلى ئادام كىڭ قاتارلىق بەش ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. جازالاش تەدبىرىگە ئاساسەن، مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن، بارلىق مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ھەمدە خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدىكى قانۇن كېڭىشى ئومۇمىي سايلىمىدىن بىر كۈن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ئاساسەن پارلامېنتقا دوكلات سۇنغان. دوكلاتتا خوڭكوڭ مەركىزىي ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن دۇڭ قاتارلىق بەش ئەمەلدارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولغان پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئىمزالىغان، شۇنداقلا مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۈچۈن، ئامېرىكا قانۇنىدىكى خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى بىكار قىلغان.

«خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»دا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن پارلامېنتقا قەرەللىك ھالدا دوكلات يوللاش، «خىتاي -ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى» ياكى خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقان چەت ئەللىك خادىملار ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن يىلدىن بېرى 39 كىشى «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»غا ئاساسەن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 7-ئايدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش كىشى ۋە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ باشقا ئىككى ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقان ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىگەنىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان جازا قارارىنى قايتىدىن ئېلان قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2022 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق