خىتاي ئىنتېرنېت نازارىتىنى چەت ئەللەرگىچە كېڭەيتكەن

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى نازارەت قىلىش قىلمىشىنى چەت ئەلگىچە كېڭەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش قورالى ئارقىلىق، تور دۇنياسىدىكى قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى خىتاينىڭ نەچچە يۈزلىگەن خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، توختام ۋە شىركەت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتىكى سەزگۈر سىياسىي ئۇچۇرلارنى بايقاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «جامائەت پىكىرىنى ئانالىز قىلىش يۇمشاق دېتالى»نى قوللىنىپ، تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇكقا ئوخشاش خىتاي سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى نازارەت قىلغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ بولسا چەت ئەلدىكى نىشانلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات توپلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇرەككەپ تۈرلەرگە مەبلەغ سالغان. خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى بىر تاراتقۇ ئورگىنى 320 مىڭ دوللار سەرپ قىلىنىپ ياسالغان يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ، تىۋىتتېر، فېيسبۇكتىكى ئۇچۇرلارنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چەت ئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان.

«چەت ئەللىك خادىملارنى ئانالىز قىلىش سۇپىسى» ناملىق مەزكۇر مەلۇمات ئامبىرى مەخسۇس تىۋىتتېر، فېيسبۇك ۋە يۇتيۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى ئانالىز قىلىدىكەن. خىتاي بۇ تۈر ئارقىلىق غەربنىڭ داڭلىق مۇخبىرلىرىنىڭ، سىياسەت، سودا ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى تونۇلغان شەخسلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان. خىتاي يەنە ئۇچۇر يىغىش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا قوللىنىلىۋاتقان ھەرخىل تىللارنى كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىدىكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئىزچىل داۋاملاشقان.

ئۇندىن باشقا نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇرەككەپ سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى كۆزىتىپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە چەت ئەللىكلەرنى نىشانلىغان ۋە ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خىتاينىڭ تۈرلۈك قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن باشقا، خىتاي رېجىمىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئىلغار تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى،  ئاممىۋى خاتىرىلەر ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلانغان. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ۋە خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى تاپقان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىدىن سىرت، چەت ئەللىكلەرگىمۇ قارىتىلغان. بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى سايلام تىزىملىكى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە خاككېرلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتىپ، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازمىلارنىڭ ئارقىسىدىكى شەخسلەرنى، ئۇلارنىڭ ئادرېسىنى، ھەتتا دوستلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقالايدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىلارمۇ تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە تور تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چەت ئەلدىكى پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرمەكتىكەن. يېقىندا شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن، چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ يالغان ھېسابلىرىنى تەمىنلەيدىغان تېخنىكا شىركەتلىرىدىن خېرىدار چاقىرغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2022 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق