خوڭكوڭدا يەنە بىر ئاخبارات ئورگىنى تاقالدى

خوڭكوڭدىكى ئىنتېرنېت خەۋەر ئورگىنى «ئاۋام خەۋەرلىرى» خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئاۋام خەۋەرلىرى» تۈنۈگۈن فېيسبۇك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 4-يانۋار تور بەتتىكى مەزمۇنلارنى يېڭىلاشنى توختىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تور بەتنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تور بېكەت باياناتىدا: «بىز بۇ زېمىننى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولساقمۇ، بىراق ئامالسىز قالدۇق. نۆۋەتتە بىز شامال، يامغۇرغا ئەمەس، بەلكى قۇيۇنغا، غايەت زور دولقۇنغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن. باياناتتا يەنە ئۆتكەن ئىككى يىلدا يۈز بەرگەن جەمئىيەتتىكى تېز ئۆزگىرىش ۋە ئاخبارات مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خوڭكوڭ ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاقالغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋاللار خوڭكوڭنىڭ «ئاسىيادىكى خەلقئارالىق مەركەز» دېگەن نام-شۆھرىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى ئاساسىي قانۇننىڭ خەۋەر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قوغداش كاپالىتىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان.

«ئاۋام خەۋەرلىرى» يېقىنقى ئايلاردا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىدىن بولغان «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» ۋە «مەيدان خەۋەرلىرى» دىن كېيىن تاقالغان ئۈچىنچى ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭ ساقچىلىرى «مەيدان خەۋەرلىرى»نىڭ خىزمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، يەتتە خادىمىنى قولغا ئالغان ۋە ئورگاننىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتقانىدى. شۇ كۈنى «مەيدان خەۋەرلىرى» خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

2019-يىلى خوڭكوڭدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك نامايىشتىن كېيىن، خىتاي رېجىمى خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇپ، قارشى پىكىردىكىلەرنى، بولۇپمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 591 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2022 11:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق