تاراتقۇلار: ھىندونېزىيەنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

ھىندونېزىيە دۆلەت ئىچىدە توك يېتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، 1-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە كۆمۈر ئېكسپورتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ بۇ تەدبىرى خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بارلىق پورتلارغا دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بارلىق كۆمۈرلەرنى زاپاسلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان.

ھىندونېزىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشىدا دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى ۋە مۇستەقىل ئېلېكتىر ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگانلارنىڭ ئامبار زاپىسى سەۋىيەسىنى باھالىغاندىن كېيىن، كۆمۈر ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش مەسىلىسىنى قايتا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئائىلە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە سەرپ قىلىنىدىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكى، توكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ 10 مىليون ئائىلە ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قوللانمىغاندا، ھىندونېزىيەدە كەڭ كۆلەمدە توك ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ھىندونېزىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېقىلغۇ كۆمۈر ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، 2020-يىلىدىكى ئېكسپورت مىقدارى تەخمىنەن 400 مىليون توننىغا يەتكەن. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىمپورت قىلغۇچىسى بولۇپ، بۇلتۇر 1-ئايدىن 11-ئايغىچىلا جەمئىي 290 مىليون توننا كۆمۈر ئىمپورت قىلغان. بۇ سەۋەبلىك ئانالىزچىلار ھىندونېزىيەنىڭ مەزكۇر ۋاقىتلىق چەكلىمە قارارىنىڭ ئەسلىدىنلا يېقىلغۇ كەمچىللىكىگە دۇچ كەلگەن خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 729 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق