تەيۋەن بىلەن لىتۋانىيە خىتايغا قارشى ھەمكارلاشتى

لىتۋانىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكىلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىر قىسىم ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن لىتۋانىيەنى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن قوللىماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن مالىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى تەيۋەن تاماكا-ھاراق شىركىتى 3-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا لىتۋانىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان 20 مىڭ بوتۇلكىدىن ئارتۇق ھارىقىنىڭ خىتاينىڭ بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تەيۋەن شىركىتىنىڭ لىتۋانىيەنى قوللاش يۈزىسىدىن، مەزكۇر مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى تەيۋەن لىتۋانىيەدە ۋاكالەتخانا تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن «تەيۋەن» نامى بىلەن ياۋروپادا تەسىس قىلىنغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئايلانغان بولۇپ، نەتىجىدە خىتاي لىتۋانىيەدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي تاموژنا ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى لىتۋانىيەنى ئىمپورت تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن. نەتىجىدە لىتۋانىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى خىتاي پورتىدا توختاپ قالغان. گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاموژنىسىنىڭ سىستېمىسىدا لىتۋانىيەنىڭ ئىسمى قايتا پەيدا بولغان بولسىمۇ، بىراق تاموژنىدا توختاپ قالغان مەھسۇلاتلار يەنىلا خىتايغا كىرگۈزۈلمىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ئەھۋالنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ تاراتقۇلارنىڭ مۇبالىغە ۋە يالغان خەۋەرلىرى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەقەنى تولۇق دەلىللىمەستىن، خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، تەيۋەن خىتايغا قارشى لىتۋانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، لىتۋانىيەنىڭ بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتىنى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تەيۋەندە بازارغا سېلىشقا باشلايدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 627 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2022 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق