بەش يادرو دۆلىتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت بەش يادرو دۆلىتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى  بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر بەش يادرو دۆلىتى 3-يانۋار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ يادرو قورالى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك خەتەرنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا بۇ بەش دۆلەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىكەنلىكى، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، بىخەتەر كەيپىيات يارىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە: «بىز يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يادرو ئۇرۇشى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز. يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا يەنە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، يادرو قوراللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىلا، مۇداپىئە مەقسىتىدە خىزمەت قىلىشى، تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشى، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بىز يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز» دېيىلگەن.

فىرانسىيەمۇ ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىشتا ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقى، شۇنداقلا بىر قاتار ئوخشىماسلىقلار ۋە ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭمۇ جىددىيلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر نويابىردىكى بىر باياناتىدا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا خىتاينىڭ يادرو قورال زاپىسىغا بولغان مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ 2027-يىلىغا بارغاندا 700 دانە يادرو ئوق بېشىغا، 2030-يىلى 1000 دانە يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا كۆپ قېتىم خىتاينى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى قورال كونترول قىلىش شەرتنامىسىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2022 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق