ئىستانبۇلدا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى چاغلايان سوت مەھكىمىسى ئالدىدا، خىتاي ئۈستىدىن ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان جىنايى ئىشلار ئەرزنامىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى گۈلدەن سۆنمەز، رۇمەيسا كابائوغلى، خالىل ئىبراھىم چەلىك، مۇھەممەد فۇرقان يۈز، فۇرقان ئارال، ئەيۇبجان ئاقچاي، سۈمەييە كۆكچە، فاتىمە تۈنچ قاتارلىق تۈرك ئادۋوكاتلار تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرى قاتناشتى.

ئالدى بىلەن ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان، ھەرخىل شەكىلدە جازالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرى ياكى يېقىنلىرىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە جىنايى ئىشلار ئەرزنامىسى سۇنۇش ئۈچۈن ئادۋوكاتلارغا ۋاكالەت ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، خىتاي ئۈستىدىن ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە جىنايى ئىشلار ئەرزنامىسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئادۋوكات رۇمەيسا كابائوغلى خانىم بايانات ئوقۇدى. باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلىغانلىقى، زىيانكەشلىك قىلىش، دىنىي ۋە كۈلتۈرىنى چەكلەش، ئائىلىسىنى پارچىلاش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، نوپۇس چەكلەش، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، مەزكۇر جىنايى قىلمىشقا چېتىلغان شى جىنپىڭدىن باشلاپ، جازا لاگېرى مەسئۇللىرى، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىدىن 112 كىشىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ باش تەپتىش مەھكىمىسىگە بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە تۈركىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئەرزنامىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكى، جازا لاگېردا يېتىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

ئارقىدىن جازا لاگېرى قۇربانلىرىدىن بىر نەچچە كىشى سۆز قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1613 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2022 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق