قازاقىستان ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىك ئىستېپا بەردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى جومارت توقايوف بۈگۈن ئەتىگەن ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدىكى پىرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاندا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئالمۇتا شەھىرىگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، پىرېزىدېنت توقايوف بۈگۈن سەھەردە 728-نومۇرلۇق پىرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى 1-يانۋاردىن باشلاپ يېقىلغۇ باھاسىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان بولۇپ، بۇ يېقىلغۇ باھاسىنىڭ بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نارازىلىق نامايىشى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەتتا ئالمۇتاغىچە كېڭەيگەن. قارشىلىقلار نەتىجىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كەچتە يېقىلغۇ باھاسى چەكلىمىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

توقايوف بۈگۈن ئەتىگەن يەنە ئالمۇتا شەھىرى بىلەن مانگىستاۋ ئوبلاستىنىڭ ئىككى ھەپتىلىك جىددىي ھالەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇيرۇققا ئاساسەن كېچىدە يۈرۈش، چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش مەنئى قىلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، توقايوفنىڭ ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقى ئىمزا قويغان ۋاقىتتىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. يېڭى كابىنېت تەشكىللەنگۈچە، ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 857 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2022 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق