ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چوڭ تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

4-يانۋار ئىستانبۇلدا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا چوڭ تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئىسلام ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ يېنىبوسنا رايونىغا جايلاشقان گورىيون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان، ئەرەب تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنغا ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئاخباراتچىلار قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنغا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور ئىسام ئابدۇشاقى رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى «IHH» نىڭ رەئىس ۋەكىلى ھۈسەيىن ئورۇچ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ئىسلام تۇپرىقى ئىكەنلىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەمەل خەلىيفە خانىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى ھەققىدە مەلۇمات» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تونۇشتۇردى.

ئىنسان ھەقلىرى ۋە خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەرىتىسى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى، نۆۋەتتە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاكىتلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەركىزى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى دوكتور مۇھەممەد سەفەر «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: يىلتىز ۋە ئۆزگەرتىش» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئون نەچچە ئەسىردىن بېرى ئىسلام تۇپرىقى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ زېمىندا تۈرك خەلقنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىختىن بېرى ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ تۈركلەردىن قورقۇپ سەددىچىن سېپىلىنى سالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلجەزىرە قانىلى پاكىستان ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى دوكتور ئەھمەد مۇقىف زەيدان «ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان رېئاللىقىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرىنى، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چېگرا ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىككىنچى باسقۇچتا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بېرى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى غەرب ئەللىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئادۋوكات، خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى دوكتور تارىق شەندەب «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەكلىپ» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلەرگە جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، روھىي جەھەتتىنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، ئىنسانىي نۇقتىدىن ھېسداشلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلام تەتقىقاتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سامىي ئەريان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنى تارىختىن بېرى تەكرارلاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەت مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان يېقىنچىلىقىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب مېدىيالىرىنىڭ رولى: باھا ۋە تەلەپلەر» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بولسا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقۇچىلارنىڭ يەنە بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاخىرىدا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق رەئىس مەسلىھەتچىسى، ئاكادېمىك مۈفىد يۈكسەل سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شانلىق تارىخىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى، ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەلجەزىرە، ۋەتەن قاتارلىق داڭلىق ئەرەبچە قاناللاردا، شۇنداقلا بىر قىسىم ئەرەبچە سەھىپىلەردە تارقىتىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2022 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق