خەلقئارالىق قاناللارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تارقىتىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قانىلى NBC نىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ NBC قانىلى كېلىشىمگە ئاساسەن، كېلەر ئايدا باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئۇلاپ تارقىتىدىغان بولۇپ، 4-يانۋار دۇنيا ھەرىكەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندىكى NBC خەۋەر قانىلىنىڭ مەركىزى ئالدىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى. پائالىيەتكە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان.

ئەسلىدە ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئورگان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى مەكتۇپقا ئىمزا قويغان بولۇپ، NBC قانىلىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. بىراق NBC قانىلىنىڭ مەركىزىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك، نارازىلىق مەكتۇپى NBC قانىلى مەركىزى ئالدىدا ئېلان قىلىنغان.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم نارازىلىق مەكتۇپىنى ئوقۇپ، NBC قانىلىغا ئوخشاش شىركەت، ئورگانلارنىڭ پۇلغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭلۇقلارنى، تىبەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، NBC قانىلى 2014-يىلى يەتتە مىليارد 750 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، 2032-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى NBC قانىلىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى تارقاتماسلىققا چاقىرغانىدى. شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، تىبەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، تاراتقۇلارنىڭ خىتاي رېجىمىغا ياردەملىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2022 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق