خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا چاقىرىق قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانداق تەدبىر قوللانغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ «ۋال كوچىسى گېزىتى» خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەنقىد نىشانىغا ئايلانغان. «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» ناملىق تەشكىلات سەيشەنبە كۈنى شىۋىتسارىيەگە جايلاشقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك بەلگىسى بار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىت بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، بۇ كىيىملەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاستىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتقا چېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەنتا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ بۇ تەنتەربىيە كىيىم-كېچەك ماگناتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى فورما ۋە باشقا كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ، بۇلتۇر ئەنتا شىركىتى شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغانىدى.

نۆۋەتتە ئەنتا شىركىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغانىدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا ئەنتا تەمىنلىگەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئۈچىنچى تەرەپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغانلىقى، نەتىجىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەنە تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە نىشانلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولسا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى رەت قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە ئېلخەت مەسىلىسىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىنكاسىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكى ۋە خەت ئەۋەتكەن تەرەپكە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى بېنېت فىرىمان ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ يېزىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مەكتۇپىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق خەۋپىنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلغان. قىسقىغىنا ئالاقىدىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلى ماگالى مارتوۋىچ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا مەكتۇپ يېزىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى بىلەن ئاكتىپ سۆھبەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆھبەت مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتۇشقا ئوخشاش شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. پائالىيەتچىلەر نۇرغۇن شەرتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلار قوش يۆنىلىشلىك سۆھبەتنى باشلاشنى ۋە سۆھبەتتىن كېيىن ئاشكارىلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مارتوۋىچنىڭ 21-دېكابىر ئېيتىشىچە، سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلدىكى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ئىتتىپاق بىلەن كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن ھەمدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيادىكى بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 592 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2022 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق