قازاقىستان ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ دائىرىلەر رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

قازاقىستان دائىرىلىرى رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قازاقىستانغا ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قازاقىستان دائىرىلىرى رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، پىرېزىدېنت قاسىم جومارت توقايوف «كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى» نى ھۆكۈمەتنى قوللاشقا چاقىردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، كوچىدا يۈرۈشنى چەكلەش ۋە كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلارغا چەكلىمە قويۇش، ھەمدە نامايىشقا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، توقۇنۇشتا ھازىرغىچە 8 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 317 دىن كۆپرەك ساقچى ۋە مىڭلىغان خەلق يارىلانغان. پىرېزىدېنت توقايوف 6-يانۋار ئەتىگەندە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قازاقىستانمۇ ئەزا بولغان كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات «كوللېكىتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامە تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، رۇسىيە ۋە بەش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئەسكىرى بىرلەشمىدۇر. 5-يانۋار كەچتە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ فېيسبۇك ھېساباتىدا قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قازاقىستانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۈگۈن 6-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئەسكىرى ئايروپىلانلار بىلەن ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاشىنگتوننىڭ قازاقىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھۆكۈمەت ۋە نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە نامايىش دەسلەپتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەمما تېزلىكتە باشقا نۇرغۇن سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلىپ كېڭەيگەن. پىرېزىدېنت توقايوف بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىپ، نامايىشنىڭ چەتئەللەردە تەربىيەلەنگەن «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى خان جەمەتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى كەيت مالىنسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىش قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقى ھەمدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىگە كېڭىيىپ نەپرەتكە ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان.

خەۋەردە نامايىشچىلارنىڭ كوچىلاردا نەزاربايوفنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ شوئار توۋلىغانلىقى، يەنە بىر سىندا كىشىلەرنىڭ نازاربايېفنىڭ غايەت زور مىس ھەيكىلىنى چېقىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتادىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمنى كونترول قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇلار يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ماشىنىلىرىنى چېقىۋەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سودا تەشكىلاتى «ئاتا ماكان»نىڭ ئېيتىشىچە، بانكا، دۇكان ۋە ئاشخانىلارمۇ نامايىشچىلارنىڭ نىشانغا ئايلانغان. يۈزلىگەن نامايىشچىلار ئالمۇتا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىندا ئاشكارىلىنىشچە، بىنادىن ئىس -تۈتەك چىققان ھەمدە مىلتىق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

ئۇندىن باشقا قازاقىستاندا يەنە پۈتۈن دۆلەتتىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، تېلېگرامما، سىگنال، ۋاتساپ قاتارلىق ئەپ دېتاللىرى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2022 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق