خىتاي بىلەن ماراكەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئافرىقا زىيارىتى خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ماراكەش «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-يانۋار ماراكەش بىلەن خىتاي رەسمىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ماراكەش خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا قوشۇلغان تۇنجى شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى بولۇپ قالغان.

ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نېڭ جىجې سىنلىق يىغىن ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. كېلىشىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاينىڭ ماراكەشتىكى چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ۋە ماراكەشتە سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

ماراكەش تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كېلىشىمدە خىتاي شىركەتلىرىنى ماراكەشكە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى، ماراكەش بىلەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ماراكەش مەغرىب دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قاتناشقان دۆلەت بولۇپ قالغان. 2017-يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسى ھەر يىلى %50 ئاشقان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ماراكەشتە 80 دىن ئارتۇق تۈرگە سالغان مەبلىغى بار بولۇپ، خىتايدىن بىۋاسىتە كەلگەن مەبلەغ 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ماراكەش غەربىي سەھرايى كەبىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن.

ماراكەش ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ تۆھمىتى بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قارار چىقارغانىدى. ئەمما مەزكۇر قارار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى سەۋەبلىك ھازىرچە ئىجرا قىلىنمىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ماراكەشنىڭ بۇ قېتىملىق كېلىشىمنى ئىمزالىشى ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 611 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2022 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق