سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىغا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك فېيسبۇك سەھىپىسىدە بۇ توغرۇلۇق سىن يوللاپ، ئۇيغۇر خەلقى، تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىغا ۋە نۇرمۇھەممەت روزىغا ياردەم قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ھەمدۇللا ۋەلى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان. كېيىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يول تاقىلىپ قالغاچقا، تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يا قويۇپ بەرمەي، يا بىر تەرەپ قىلماي تۇتۇپ تۇرغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 3-يانۋار سەئۇدى دائىرىلىرى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن.

بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى سۇمەييە ئايتۈرك دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىنى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تەشكىلاتلىرى بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1156 قېتىم كۆرۈلدى
07/01/2022 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق